-
2010-08-31
تۈرك تىلىدىن تۇنجى دەرسلىك - [تۈرك تىلى]
تۈرك تىلى ئېلىپبەسى
Türk dili Alfabesi
ئەسكەرتىش:"Ğ"بۇ ھەرپ "غ" دەپ ئوقۇلمايدۇ، بۇ يۇمشاق "گ" بولۇپ، ئېغىز تىلىدا ئوچۇق تەلەپپۇز قىلىنمايدۇ.
ئەزىز دوستلار، بىر كۈن تور خاتىرەمدە تۈرك تىلى ئۆگىنىش توغرىسىدا مەخسۇس سەھىپە يولغا قۇيۇلغان بولۇپ، ھەر قايسى تۈرك تىلى ئۆگىنىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ شۇنداقلا ئۆگىنىۋاتقان ھەم ئۆگەنگەن دوستلارنىڭ ئۆز-ئارا ياردەمدە بولۇپ بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرلىسەك دىگەن ئۈمىدتىمەن...!
شۇنداقلا تەلەپ-پىكىرىڭلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇڭلارنى ھەم ئۈمىد قىلىمەن...!ھۆرمەت بىلەن: بىر كۈن تورخاتىرىسى
-
تار دۇنيا
ئەزىز نەسىن
(تۈركىيە)يۈرەكىم جىسمىمغا سىغماس،
جىسمىم ھوجرامغا...
ھوجرام ئۆيۈمگە سىغماس،
ئۆيۈم دۇنياغا...
دۇنيا ئالەمگە سىغماس،
پارتلاپ كىتەرمەن...ئازابىمنىڭ ئازابىدىن چاڭقىدىمكى،
ئۇسسۇزلۇقۇم كۆكلەرگە سىغماس.
شۇنداق بىر ئازابكى، كىملەرگە قانداق چۈشەندۈرەرمەن...
كۆڭۈل تار كىلەر سۆيگۈمگە،
بېشىم ھۆكۈمرانغا...
ئاھ، پىشانەم
يېرىلىماقتا...
چۈشەندىم، ئەمدى چۈشەندىم...
ھېچكىملەرگە چۈشەندۈرمەسمەن...تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: بىر كۈن تور خاتىرىسى
-
2010-08-28
بىلىپ قالىسەن - [تەرمىلەر]
بىلىپ قالىسەن
جاھىت كۈلەبى
(تۈركىيە)بىر كېچە، ئۈن-تىنسىزلا يانىمغا كەل،
پەلەمپەيلەرمۇ غىچىرلىمىسۇن،
مۇشۇنداق باغلاندىمكى ھېچ سورىما،
ھالىمدىن بىلىسەن...
تاڭ ئاتقۇچە ئولتۇرۇپ مۇڭدىشايلى،
ھېچكىم تۇيمىسۇن،
كۆپ-كۆك يۈزىمىز بولسۇن...
قاناتلىرىمىز تىگىشكەچ پەرۋاز قىلايلى.
ئىنسانلاردىن مۇز كەبى سوۋۇدۇم،
مانا، سەن بارسەن.
شۇنچىلىك ھالسىزمەنكى ھېچ سورىما،
بىلىپ قالىسەن...
تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: بىر كۈن تور خاتىرىسى -
2010-08-26
iPhone دا كۆرۈنمەس ئۈنۈمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش
iPhone دا كۆرۈنمەس ئۈنۈمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش
بۇنىڭ راست - يالغانلىقىنى بىلمىدىم، بىراق بۇنداق كۆررۈنمەس ئۈنۈملۈك سېستىما ھەقىقىي بار.
مەسىلەن: مۇشۇنداق كۆرۈنمەس ئۈنۈملۈك كۆزەينەكمۇ بار، 1500 يۈەن ئەتراپىدا ئالىدۇ...!لېكىن بۇ سەل چەكتىن ئاشقان تېتىقسىزلىقمۇ نىمە..؟
پەن-تېخنىكا تەرەققىي قىلىپ ئەتە-ئۆگۈن ھېچنىمىنى يۇشۇرۇپمۇ بولالمىغۇدەكمىز جۇمۇ...؟
-
2010-08-25
قۇرئاننىڭ تەرجىمىسىنى ئوقۇشنىڭ ئەجرى - [ئىسلامىيەت]
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم، بۇ ،جۈمە كېچىلىرى ياسىين سۈرىسىنى توپ بولۇپ ئوقۇش ھەققىدىكى 2237 -سۇئالغا قارىتىلغان . ئەمەلىيەتتە، مەن سىز تىلغا ئالغان ھەدىيسنى ، يەنى ، پەيغەمبەر (ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن )مۇنداق دىگەن : « كىمكى ئاللاھنىڭ كىتابىدىن بىر ھەرىپنى ئوقۇسا ، بىر ياخشىلىققا(مۇكاپاتقا) ئىگە بولىدۇ ، ھەمدە ھەر بىر ياخشىلىق 10 ھەسسىلىنىدۇ . مەن ، [ئەلىيف لام مىيم] نى بىر ھەرىپ دىمەيمەن ، بەلكى ئەلىيف بىر ھەرىپ ، لام بىر ھەرىپ ، مىيم بىر ھەرىپ .» نى دىمەكچىمەن . مەن بىلمەكچىمەنكى، بۇ ھەدىيس ، ئۆزىنىڭ ئوقۇۋاتقىنىنى ھەقىقى چۈشىنىش ئۈچۈن باشقا بىر تىلدىكى قۇرئاننى ( يەنى، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى) ئوقۇغۇچىغىمۇ راستمۇ ؟ رەھمەت !
مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
بىز ئاللاھتىن قېزىقىشىڭىزغا سىزنى مۇكاپاتلىشىنى سورايمىز . سۇئالىڭىزنىڭ جاۋابىغا كەلسەك ، ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان ئەجىر قۇرئان مەنىلىرىنىڭ باشقا تىللاردىكى تەرجىمىسىنى ئوقۇغۇچىغا ئەمەس ، پەقەت قۇرئاننى ئەرەپ تىلى ھالىتىدە ئوقۇغۇچىغىلا ئېيتىلغان . شۇنداقتىمۇ بىر ئادەم قۇرئاننىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش ھەمدە ئايەت دەۋاتقان نەرسىلەردىن مەنپەئەتلىنىش ئۈچۈن ئۇنىڭ مەنە تەرجىمىسىنى ئوقۇسا ، ئۇنداقتا ئۇمۇ بۇنىڭ ئۈچۈن ئەجىرگە ئېرىشىدۇ ، ئاللاھ ئۇنىڭغا مۇكاپات بېرىدۇ . چۈنكى مۇسۇلمان يەشمىنى(تەفسىر)نى ئوقۇش بىلەن ئەجىرگە ئېرىشىدۇ ، تەرجىمە - تەفسىردۇر . لىكىن تەرجىمىنى ئوقۇغۇچى ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان ئەجىرگە ئېرىشىدۇ دەيدىغانغا دەلىل يوق . ئاللاھنىڭ سېخىيلىقى( پەزلى) كاتتىدۇر . -
2010-08-25
ۋاقىتلىق نىكاھ توغرىسىدا - [ئىسلامىيەت]
ۋاقىتلىق نىكاھ توغرىسىداسوئال: مەن يېقىندا بىر مۇسۇلمان ئەرەب بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم، ئۇ كىشى ماڭا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ مەن بىلەن بىرگە تۇرۇشنى خالايدىغانلىقى بىلدۈردى. بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدىكى دوستلۇقنىڭ شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولىشى ئۈچۈن "ۋاقىتلىق نىكاھلىنىش" نى مەندىن تەلەپ قىلدى، مەن بۇ تۈردىكى نىكاھلىنىشنىڭ قانداق ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئىزدەندىم. مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن ھەمدە توي قىلىش رىغىبىتىممۇ بار، ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىگە قارايدىغان بولسىڭىز بىز ئىككىمىز خۇددى ھەقىقى توي قىلغانلاردەكلا كۆرىنەتتۇق، مەن ھەم شۇنداق ھېس قىلاتتىم. لېكىن مېنىڭ بۇ ھەقتە مەلۇماتىم يېتەرسىز بولغانلىقى ئۈچۈن سىلەردىن بۇ مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
جاۋاپ:
بارچە ھەمدۇ-سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر.
ئىسلام شەرىئىتىدە "ۋاقىتلىق نىكاھلىنىش" دەيدىغان نىكاھ يوقتۇر. قانداق بىر مۇسۇلمان كىشى، بۇ خىلدىكى ئاتالمىش نىكاھ بىلەن تۇرمۇش قۇرغان بولسا، نىكاھى باتىل بولۇپ ئۇ كىشىگە شەرىئىتىمىزدە زىناخۇرغا بەلگىلەنگەن جازا بېرىلىدۇ.
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «ھەر قانداق بىر ۋاقىتتا "ۋاقىتلىق نىكاھ" بىلەن نىكاھلانغان كىشى مېنىڭ يېنىمغا ئېلىپ كېلىنسە ئۇنىڭغا دەررە ئۇرغان بولاتتىم» .
لېكىن مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى بەزى ئېزىپ كەتكۈچى ئىنسانلار تا ھازىرغىچە نىكاھ مۇتئە )يەنى ھۇزۇرلىنىش نىكاھى( يەنى ئۇ بولسا " ۋاقىتلىق نىكاھلىنىش" نىڭ بىر تۈرى دەپ قاراپ، ئۇنى ئۆزلىرىچە دۇرۇس دەپ قارىشىدۇ. ئەكسىچە بۇ خىلدىكى نىكاھ ئىسلام شەرىئىتى نىكاھ قانۇنىدا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان قىلىنغان (يەنى بىكار قىلىنغان).
ئۇ تۇردىكى ئىنسانلار خاتا پىكىردىكى كىشىلەر بولۇپ، سىزنىڭ ھەق يولدا مېڭىشىڭىزغا ھېسسىياتىڭىز توسالغۇ بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ھىلى-مىكىرلىرىدىن يىراق بولىشىڭىز كېرەك. ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر .پەزىلەتلىك شەيخ / مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد
مەنبە: ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى
-
2010-08-25
نامازدا دۇئانى ئەرەبچىدىن باشقا تىلدا قىلىشنىڭ ھۆكمى - [ئىسلامىيەت]
نامازدا دۇئانى ئەرەبچىدىن باشقا تىلدا قىلىشنىڭ ھۆكمىنامازدا تەشەھھۇدتىن كىيىنكى ھەمدە سۈننەتتە مەۋجۇت دۇئانى ئەرەبچىدىن باشقا تىلدا قىلىشقا بولامدۇ ؟ قۇرئاندا تېپىلىدىغان ، سۈننەتتە تېپىلمايدىغان دۇئا بىلەن دۇئا قىلساق بولامدۇ ؟
مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن
بىرىنچى :
ئەگەر نامازخان دۇئانى ئەرەب تىلى بىلەن بەلەن قىلالىسا ، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا تىل بىلەن دۇئا قىلىشى دۇرۇس ئەمەس .
لىكىن ئەگەر نامازخان دۇئانى ئەرەبچە بىلەن قىلىشتىن ئاجىز كەلسە ، ئۇنداقتا ئۇ ئۆز تىلى بىلەن دۇئا قىلىشتىن توسۇلمايدۇ ، شۇ جەرياندا ئۇ ئەرەب تىلىنى ئۆگىنىدۇ .
ناماز سىرتىدا ئەرەبچىدىن باشقىسى بىلەن دۇئا قىلىشقا كەلسەك ، ئۇنىڭغا ھىچنىمە بولمايدۇ ، بولۇپمۇ ئۇ نامازخاننى دۇئاسىغا تىخىمۇ دىققىتىنى يىغىدىغان بولسا .
ئىسلام پېشىۋاسى ئىبنۇ تەيمىيە مۇنداق دىگەن :
دۇئانى ئەرەب تىلى بىلەن ، ۋە باشقا تىللار بىلەن قىلىش دۇرۇس . ھەمدە ئاللاھ دۇئا قىلغۇچىنىڭ مەقسىتى ۋە كۆزلىگىنىنى بىلىدۇ ،مەيلى ئۇ قايسى تىلدا سۆزلىسۇن ، چۈنكى ئۇ ھەر تۈرلۈك ھاجەتلەرنى ھەر خىل تىللار بىلەن سوراۋاتقان ھەممە ئاۋازلارنى ئاڭلايدۇ . . .
"مجموع الفتاوى " ( 22 / 488 – 489)
يەنە بۇ 3471- ، 11588- سۇئاللارنىڭ جاۋابىغا قاراڭ .
ئىككىنچى :
قۇرئاندا تىلغا ئىلىنغان دۇئالار ، ھەتتا ئۇلار سۈننەتتە تىلغا ئىلىنمىغان بولسىمۇ ئۇلار بىلەن دۇئا قىلىشتىن توسۇلمايدۇ . ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياخشى ۋە توغرا يولنى ئۆز ئىچىگە ئالغان . پەيغەمبەرلەر ۋە ئەلچىلەرنىڭ دۇئالىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى بىز قۇرئاندىن بىلدۇق ، شەكسىزكى ئۇلارنىڭ دۇئالىرى ئەڭ پاساھەتلىك ۋە ئەڭ مول مەنىگە ئىگە دۇئالار .
ئىسلام پېشىۋاسى ئىبنۇ تەيمىيە مۇنداق دىگەن :
كىشىلەر كىتاب ۋە سۈننەت ئىلىپ كەلگەن بەلگىلەنگەن دۇئالار بىلەن دۇئا قىلىشى لازىم ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە بەلەنلىكىدە ، ھەمدە ئۇنىڭ توغرا يول ئىكەنلىكىدە شەك يوق . ھەمدە ئىسلام ئالىملىرى ۋە ئىماملار بەلگىلەنگەن دۇئالارنى تىلغا ئىلىشتى ، ھەمدە يىڭى دۇئالاردىن يۈز ئۆرىدى ، شۇڭا بىز ئۇنىڭدا ئۇلارغا ئەگىشىشىمىز كىرەك . "
“مجموع الفتاوى “(1 / 346 و 348)
ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
-
قىيامەت ، جەننەت ۋە دوزاخ ھەقىقىيمۇ ياكى سىمۋول نەرسىمۇ ؟سىز ئاخىرەت كۈنى، جەننەت ۋە دوزاخ ھەققىدە ئىشىنىشنى ھەقىقى مەنىدە ئىلىنغان دەپ قارامسىز ياكى سىمۋول مەنىدە ئىلىنغان ؟
مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
ئىيمان تۈۋرۈكلىرىنىڭ بىرى بولسا ئۆلگەندىن كىيىن تىرىلىشكە ئىشىنىش . جەننەت ۋە دوزاخ ھەقىقى نەرسە بولۇپ ، ئۇ ئىككىسىگە ئىشىنىش ۋاجىپ . شۇڭا كىمكى ئاللاھقا ئىشەنسە ، توغرا ئىشلارنى قىلسا ، ئۇنىڭ ئاخىرقى تۇرالغۇسى ھەقىقىي ھالدا جەننەت بولىدۇ . ھەمدە كىمكى ئاللاھقا ئىشەنمىسە ، ئۇ ھەقىقى ھالدا دوزاخ كىشىلىرىنىڭ بىرى بولىدۇ . ھەمدە ھەر ئىككىلىسى ئۇنىڭدا مەڭگۈ ياشايدۇ .
پېشىۋا ئابدۇل كەرىيم خۇزەيىر .
پەيغەمبەرلەرنىڭ مۇشرىكلار ، پەيلاسوپلار دىن ئىبارەت دۈشمەنلىرى ۋە باشقىلار ئۆلگەندىن كىيىن تىرىلىش ، ھىساب بىرىش ، جەننەت ۋە دوزاخنىڭ ھەقىقىيلىقىنى ئىنكار قىلدى . ھەمدە بۇ نەرسىلەرنى پەقەتلا سىمۋول نەرسىلەر دەپ سۈپەتلىدى ھەمدە ئۇلارنى مۇئىمىنلەرنىڭ چۈشىنىشىگە ئوخشىمايدىغان ئۇسۇلدا چۈشەندى . بۇ بولسا ئاللاھقا ، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرى ۋە ئەلچىلىرىگە تۆھمەت چاپلاش .
جەننەت ، دوزاخ ، سىرات( دوزاخ ئۈستىدىكى بىر كۆۋرۈك) ، تارازا ، كۆل ، ئەرىش( تەخىت) ، ئورۇندۇق( كۇرسىي) ، ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ھەقىقىي بولۇپ ، بىز ئۇلارغا ھەقىقىي دەپ ئىشىنىمىز . ھەمدە ئۇ ھەقتىكى سۆزلەر بىلەن ئويناشمايمىز . بەلكى بىز ئۇلارغا نەقىلدە كەلگەندەك ئوچۇق ئىشىنىمىز .پېشىۋا مۇھەممەد سالىھ مۇنەججىد
مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى















